فىرانسىيە مەمۇرىي مەھكىمىسى مەكتەپلەردە ئۇزۇن كىيىم كىيىشىنى چەكلەش قارارىنى تەستىقلىدى

فىرانسىيە مەمۇرىي مەھكىمىسى مەكتەپلەردە ئابايا (ئۇزۇن كىيىم) كىيىشنى چەكلەش تۈزۈمىگە خاتىمە بېرىش توغرىسىدىكى تەلەپنى رەت قىلدى.

2034676
فىرانسىيە مەمۇرىي مەھكىمىسى مەكتەپلەردە ئۇزۇن كىيىم كىيىشىنى چەكلەش قارارىنى تەستىقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە مەمۇرىي مەھكىمىسى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مەكتەپلەردە ئابايانى چەكلەش توغرىسىدىكى قارارىغا بىلدۈرۈلگەن ئېتىرازغا قاراپ چىقىپ، چەكلىمىنىڭ «شەخسىي تۇرمۇشقا ھۆرمەت قىلىش، دۇئا- تىلاۋەت ۋە مائارىپ ھوقۇقى شۇنداقلا كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش پىرىنسىپى»غا خىلاپ ئەمەسلىكىگە، شۇڭا مەكتەپلەردە ئابايىلارنى چەكلەشكە بولىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلدى.

مەھكىمىنڭ قارارىدا، قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئابايا دەپ ئاتىلىدىغان ئۇزۇن كىيىمنى، ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ كامىس دەپ ئاتىلىدىغان كىيىمنى دىنىي سەۋەبلەردىن كىيىدىغانلىقى ۋە بۇ مەقسەتتە ئىشلىتىدىغانلىقى؛ قانۇننىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپلەردە دىنىي تەۋەلىكىنى نامايان قىلىدىغان بىرەر سىمۋوللۇق نەرسىنى ئىشلىتىشى ياكى شۇ خىل كىيىملەرنى كىيىشىنى چەكلەيدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

فىرانسىيە مائارىپ مىنىستىرى گابرىئېل ئاتتالنىڭ 8- ئاينىڭ 27- كۈنىدىكى <ئابايا قاتارلىق ئۇزۇن كىيىم-كېچەكلەرنىڭ سېكۇلارىزمغا خىلاپ ئىكەنلىكى، شۇڭا ئۇ خىل كىيىملەرنىڭ مەكتەپلەردە كىيىلىشىگە يول قويمايدىغانلىقى> توغرىسىدىكى باياناتى بەس – مۇنازىرە قوزغىغانىدى.

پىرېزىدېنت ئېممانۇئېل ماكرونمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپلەردە ئابايا كىيىشىنى چەكلەش مەسىلىسىدە مۇرەسسە قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

ADM جەمئىيىتى ئابايا چەكلەش قارارىنىڭ ئاساسىي ئەركىنلىككە قارشى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغانىدى.

ئاتتالنىڭ ئېيتىشىچە، 9- ئاينىڭ 4- كۈنى 298 ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپكە ئابايا كىيىپ كەلگەنلىكىنىڭ بايقالغانلىقىنى، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ 67 سىنىڭ چەكلەش بۇيرۇقىغا ئەمەل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆيلىرىگە قايتۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر