ئامېرىكا ئىران  نېفىتىنى توشىغان گىرېتسىيە شىركىتىگە 2 مىليون 400 مىڭ دوللارلىق جەرىمانە قويدى

ئامېرىكا ئېمارگولارغا خىلاپلىق قىلىش سەۋەبى بىلەن  ئاپرىلدا  پاراخوتىنى تۇتۇپ قالغان ۋە ئىران  نېفىتىنى توشىغان گىرېتسىيە شىركىتى تەخمىنەن 2 مىليون 400 مىڭ دوللار جەرىمانە تۆلەشكە ماقۇل بولدى.

2034371
ئامېرىكا ئىران  نېفىتىنى توشىغان گىرېتسىيە شىركىتىگە 2 مىليون 400 مىڭ دوللارلىق جەرىمانە قويدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ۋاشىنگىتون د سى سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆججىتىگە ئاساسلانغاندا، ئىراننىڭ نېفىتىنى توشۇغانلىقى سەۋەبىدىن گرېتسىيە «ئىمپېرىيە يول باشلاش» شىركىتى ئۈستىدىن ئېچىلغان دەۋادا تەرەپلەركېلىشىم ھاسىل قىلغان.

كېلىشىمدە ، بۇ شىركەت مارشال تاقىم ئاراللىرى بايرىقى ئېسىلغان «سۇئېز راجان» ماي پاراخوتىدا 1 مىليون ۋارىل ئىران نېفىتىنى توشۇغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.

شىركەت ئۆزىنى ئاقلاش باسقۇچىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم نەتىجىسىدە تەخمىنەن 2 مىليون 400 مىڭ دوللار جەرىمانە تۆلەشكە ماقۇل بولغان.

سوتچىلار بۇ قارارغا ئاساسەن، سۇۋئېز راجاندا پاراخوتىدا توشۇلغان تەخمىنەن 1 مىليون ۋارىل نېفىتنى ئامېرىكانىڭ مۇسادىرە قىلغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېتىراپ قىلغان بولدى.

ئىراننىڭ «ئۆچ ئېلىش تەھدىتى» سەۋەبىدىن بۇ دېلو ئارخىپىنىڭ 5 ئاي ئەتراپىدا مەخپىي ساقلانغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر