نورۋېگىيە ئۇكرائىناغا «F-16» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئەۋەتىدۇ

گوللاندىيە ۋە دانىيەدىن كېيىن نورۋېگىيەنىڭمۇ ئۇكرائىناغا «F-16» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئەۋەتىشنى قارار قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

2028933
نورۋېگىيە ئۇكرائىناغا «F-16» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئەۋەتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  نورۋېگىيەنىڭ «NRK» ۋە  «TV2» تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نورۋىگىيە ئۇكرائىناغا «F-16» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئەۋەتىدىكەن.

شۇنىڭ بىلەن نورۋېگىيە، گوللاندىيە ۋە دانىيەدىن قالسا ئۇكرائىناغا «F-16» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئەۋەتىدىغان 3 – دۆلەت بولىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغىچە بۇ ھەقتە رەسمىي بايانات ئېلان قىلىنمىغان.

بۇ جەرياندا، نورۋېگىيە باش ۋەزىرى جوناس گاۋخۇر ستورې ئۇكرائىنادا رەسمىي زىيارەتتە بولماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر