رۇسىيەدە ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدە ۋاگنېر رەھبىرى پىرىگوجىن ئۆلدى

رۇسىيەنىڭ تۋېر رايونىدا خۇسۇسىي بىر ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ، ۋاگنېر رەھبىرى يېۋگېنى پرىگوجىن قاتارلىق 10 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

2028454
رۇسىيەدە ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدە ۋاگنېر رەھبىرى پىرىگوجىن ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۋېر رايونىدا «Embraer Legacy» تىپلىق خۇسۇسىي بىر ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «مەزكۇر ئايروپىلاندا 10 ئادەم بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۈچى ئايروپىلان خادىمى ئىدى. دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ۋەقەدە ئايروپىلاندىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى جېنىدىن ئايرىلغان.»

رۇسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى «TASS» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تۋېر رايونىدا خۇسۇسىي ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدە جېنىدىن ئايرىلغانلار ئارىسىدا ۋاگنېرنىڭ قۇرغۇچىسى يېۋگېنىي پرىگوجىنمۇ بار ئىكەن.

رۇسىيە فېدېراتسىيە ئاۋىياتسىيە تىرانسىپورت ئىدارىسى بۇ خەۋەرنى دەلىللەپ، ئايروپىلان ۋەقەسىدە ۋاگنېرنىڭ قۇرغۇچىسى يېۋگېنىي پرىگوجىننىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋاگنېرغا يېقىن بەزى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Telegram سەھىپىلىرىدە، پرىگوجىن ئولتۇرغان خۇسۇسىي ئايروپىلاننىڭ رۇسىيە ئارمىيەسىگە ئائىت مۇداپىئە سىستېمىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

پىرىگوجىن ياللانما ئەسكەرلىرى بىلەن بىرلىكتە 24-ئىيۇن كۈنى رۇسىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى قوراللىق ئىسيان قوزغىغانىدى. ئىسيان  بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندىر لۇكاشېنكونىڭ ئارىلىشىشى بىلەن ئاخىرلاشقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر