مېكسىكادا ئاپتوبۇس يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن سوقۇلۇپ كېتىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

مېكسىكادا كۆچمەنلەر ئولتۇرغان ئاپتوبۇس ئوكساكا ۋە پۇئېبلا ئۆلكىسى چېگراسىغا يېقىن تاشيولدا يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن سوقۇلۇپ كېتىپ 16 ئادەم ئۆلدى.

2028173
مېكسىكادا ئاپتوبۇس يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن سوقۇلۇپ كېتىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوكساكا ئىشتاتلىق  باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ  بىلدۈرۈشىچە، كۆچمەنلەر ئولتۇرغان ئاپتوبۇس كۇئاكنوپالان-ئوكساكا تاشيولىدا يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن سوقۇلۇپ كەتكەن.

 ھادىسىدە بىر بالا ۋە 8 ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 16 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 36 ئادەم يارىلانغان.

 يارىلانغانلار پۇئېبلادىكى دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئالاقىدار تارماقلار قازانىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى تەكشۈرمەكتە ئىكەن.

ئوكساكا ئىشتاتىنىڭ ۋالىيسى سالومون جارا كرۇز ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، قاتناش ھادىسىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر