ھىندونېزىيە ئامېرىكادىن 24 دانە «F-15EX» كۈرەشچى ئايروپىلانى سېتىۋالىدىغان بولدى
ھىندونېزىيەنىڭ ئامېرىكا بويىن شىركىتى بىلەن 24 دانە «F-15EX» كۈرەشچى ئايروپىلانى سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقى ئېلان قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بويىن شىركىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىغا مۇناسىۋەتلىك سېتىش كېلىشىمىنىڭ ھىندونېزىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پرابوۋو سۇبىئانتونىڭ پايتەخت ۋاشىنگتوندىكى زىيارىتىى جاريانىدا تۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
بويىن شىركىتىنىڭ مىسسۇرى ئىشتاتىغا قاراشلىق ساينىت لۇئىستىكى شەھىرىدىكى زاۋۇتىدا، ھىندونېزىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مەسئۇللىرىدىن گېنېرال مايور يۈسۈپ جاۋھارى بىلەن بويىن شىركىتى مەسئۇلى مارك سىئېرس ئوتتۇرىسىدا 24 دانە «F-15EX» كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ سېتىلىشىغا دائىر كېلىشىم ئىمزالانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ.
ئافغانىستاندا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئافغانىستاننىڭ غور ۋىلايىتىدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان دەريا قىرغىقىغا چۈشۈپ كەتتى.