ئىراندا شاھ چېراغ مەقبىرەسىگە قىلىنغان ھۇجۇمغا چېتىشلىق 8 كىشى قولغا ئېلىندى
ئىراندا شىراز شەھىرىدىكى شاھ چېراغ مەقبىرەسىگە تۈنۈگۈن ھۇجۇم قىلىنغان بولۇپ، بىر كىشى قازا قىلغان ھۇجۇمغا چېتىشلىق 8 كىشى قولغا ئېلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى <IRNA> نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فارس ئۆلكىسى باش مۇپەتتىشى كازىم مۇساۋى قولغا ئېلىنغانلار ھەققىدە مەلۇمات ئېلان قىلغان.
مۇساۋى، «تۈنۈگۈن كەچتە يۈز بەرگەن ھۇجۇمغا چېتىشلىق سەككىز جىنايەت گۇماندارى قولغا ئېلىندى. بۇ كىشىلەر چەتئەل پۇقراسى، ھۇجۇمنى تەشكىللىگەن كىشى تاجىكىستانلىق» دېگەن.
ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ھۇجۇمنڭ جاۋابكارلىقىنى تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
فارس ئۆلكىسى ۋالىي مەھكىمىسى شىراز شەھىرىدە يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا 4 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئىراننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى <IRNA> نىڭ بۈگۈنكى خەۋەرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانىنى 1 دەپ ئۆزگەرتىلدى ۋە 8 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
خىتاي: پەلەستىننىڭ تولۇق مۇستەقىل بولۇشىنى قوللايمىز
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پەلەستىننىڭ تولۇق مۇستەقىل بولۇشىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.