نىگېر پىرېزىدېنتى مۇھەممەد بازۇم سوتلىنىدۇ

نىگېردا 26-ئىيۇل (2023) ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان ھەربىي ھۆكۈمەت، خەلق تەرىپىدىن سايلانغان پىرېزىدېنت مۇھەممەد بازۇمنى «ۋەتەنگە خائىنلىق قىلىش جىنايىتى» ئەيىبلەپ سوتلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2024105
نىگېر پىرېزىدېنتى مۇھەممەد بازۇم سوتلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېر ھەربىي ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەتەننى قوغداش مىللىي كېڭىشى باياناتچىسى ئامادوۋ ئابدوراھمانې بايانات ئېلان قىلىپ، مۇھەممەد بازۇمنىڭ «ۋەتەنگە خائىنلىق قىلىش» ۋە «دۆلەت بىخەتەرلىكىنى خەتەرگە ئىتتىرىش» جىنايەتلىرى بىلەن سوتلىنىشىنىڭ تەلەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، «نىگېر ھۆكۈمىتى تەختتىن چۈشۈرۈلگەن پىرېزىدېنت بىلەن يەرلىك ۋە چەت ئەل شېرىكلىرىنىڭ، <ۋەتەنگە خائىنلىق قىلىش>، <دۆلەتنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى بىخەتەرلىكنى خەتەرگە ئىتتىرىش> جىنايەتلىرى سەۋەبىدىن دۆلەت ۋە خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ ئالدىدا سوتقا تارتىلىشى ئۈچۈن دەلىل-ئىسپاتلارنى توپلىدى» دېيىلدى.

باياناتتا، خەلقئارالىق جەمئىيەتلەرنىڭ «تەختتىن چۈشۈرۈلگەن ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى» بىلەن ئالاقە قىلىۋاتقانلىقىدىن ھېس قىلىنغان بىئاراملىقلارمۇ تىلغا ئېلىندى.

نىگېر پىرېزىدېنتى مۇھەممەد بازۇم 26-ئىيۇل پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ مۇھاپىزەت باتالىيونى تەرەپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە شۇ كۈنى ئاخشىمى ئارمىيە ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى مۇھاپىزەت باتالىيونىنىڭ قوماندانى گېنېرال ئابدۇرراھمانې تچيانى 28-ئىيۇل «ۋەتەننى قوغداش مىللىي كېڭىشى» ناملىق ھەربىي ھاكىمىيەتنىڭ رەھبەرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان ۋە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى بولغان ئىدى.

نىگېردا 9-ئاۋغۇست لامىنې زېيىن باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىنىپ بىر كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ھەربىي ۋە پۇقرالاردىن تەشكىل تاپقان 21 كىشىلىك كابېنت ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر