ئىتالىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە كېمە چۆكۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 41 قانۇنسىز كۆچمەن قازا قىلدى
ئىتالىيەنىڭ لامپېدۇسا ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىدە مۇساپىرلار ئولتۇرغان كېمە چۆكۈپ كېتىپ 41 كۆچمەن قازا قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيە «ANSA»خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تۇنىسنىڭ سافاكەس شەھىرىدىن قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى ئېلىپ ماڭغان كېمە، لامپېدۇسا ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىدە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن.
ۋەقەدە 41 كۆچمەن جېنىدىن ئايرىلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدىكىۋە تۆت كۆچمەننى دېڭىز ساھىلى مۇھاپىزەت ئەترىتى قۇتۇلدۇرۇپ قالغان.
قۇتقۇزۇۋېلىغان كىشىلەر، كېمىدە ئۈچ كىچىك بالىنى قوشقاندا جەمئىي 45 كىشىنىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.
كېمە يولغا چىقىپ ئالتە سائەتتىن كېيىن كۈچلۈك دولقۇننىڭ تەسىرىدە ئۆرۈلۈپ كەتكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.
6-ئاۋغۇست (2023) تىمۇ ئىتالىيەنىڭ لامپېدۇسا ئارىلىدا چۆكۈپ كەتكەن كېمىدە، بىر ئايال ۋە بىر كىچىك بالىنىڭ جانسىز جەسىتى تېپىلغان ئىدى.
ئىگىلىنىچە، 2014-يىلدىن بۇيان لىۋىيە ۋە تۇنىستىن ئىتالىيەگە ئۆتمەكچى بولغان 14 مىڭدىن ئارتۇق كۆچمەن دېڭىزدا قازا قىلغان ياكى غايىب بولغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شولز نېتانياھۇ بىلەن تېلېفونلاشتى
گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ بىلەن تېلېفونلاشتى.