ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ ئاشلىق كېلىشىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تىرىشچانلىقىغا يۇقىرى باھا بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىز ئاشلىق كېلىشىمىگە قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن رۇسىيەگە بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2022119
ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ ئاشلىق كېلىشىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تىرىشچانلىقىغا يۇقىرى باھا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماتېۋ مىللېر رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئاۋغۇستتىكى تۈركىيە زىيارىتى ھەققىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «مەن بىزنىڭ تۈركىيەنىڭ رۇسىيەنى قارا دېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىگە قايتىپ كېلىشكە قىستاش يولىدىكى رولىنى قارشى ئالىدىغانلىقىمىزنى دېگەندىن باشقا، زىيارەت توغرىسىدا بىر نەرسە دېمەيمەن» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ئاشلىق كارىدرو كېلىشىمىدىكى رولى ھەققىدە توختىلىپ: «(تۈركىيە ئەمەلدارلىرى) باشتىن - ئاخىر بۇ ھەقتە كېلىشىم ھاسىل قىلىش ۋە رۇسىيەنى كېلىشىمنى داۋاملاشتۇرۇشقا قايىل قىلىش جەھەتتە ئىنتايىن ئىجابىي بولۇپ كەلدى» دېدى.

باياناتچى مىللېر تۈركىيەنىڭ ئاشلىق كېلىشىمىنى داۋاملاشتۇرۇش مەسىلىسىدىكى «ئىجادكار رولى» نى داۋاملاشتۇرۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىستانبۇلدا مۇخبىرلارنىڭ پۇتىننىڭ تۈركىيە زىيارىتى توغرىسىدىكى بىر سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «ۋاقتى تېخى مۇئەييەنلەشمىدى. ئەمما، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سۆھبەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. بۇ سۆھبەتلەر دائىرىسىدە بۇ زىيارەت ئاۋغۇستتا ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، دەپ ئويلايمەن» دېگەنىدى.

2022- يىلى 24 - ئىيۇن باشلانغان رۇسىيە- ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ دۇنيا ئاشلىق باھاسىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)، رۇسىيە، تۈركىيە ۋە ئۇكرائىنا 2022 – يىلى 22 – ئىيۇل ئىستانبۇلدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، قارا دېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىگە ئىمزا قويغانىدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كىرېمىل باياناتچىسى دىمىرىي پېسكوۋ مۇددىتى توشقان كېلىشىم توغرىسىدا 17 - ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ: «ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمى رەسمىي ئاخىرلاشتى، توختىتىلدى. رۇسىيە مۇناسىۋەتلىك شەرتلەر ئورۇندالغان ھامان دەرھال ئاشلىق كېلىشىمىگە قايتىپ كېلىدۇ. كېلىشىمنىڭ رۇسىيەگە مۇناسىۋەتلىك قىسمى ئورۇندالمىدى» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر