ئۇكرائىنادا رۇسىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى سەۋەبىدن بەش كىشى قازا قىلدى

ئۇكرائىنانىڭ پوكروۋىسكى شەھىرىگە رۇسىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قىلىشى سەۋەبىدىن بەش كىشى قازا قىلدى.

2021733
ئۇكرائىنادا رۇسىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى سەۋەبىدن بەش كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئىگور كلىمېنكو تېلېگرامما قانىلىدىكى يازمىسىدا رۇسىيەنىڭ دونېتسىك رايونىغا قاراشلىق پوكروۋىسكى شەھىرىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگور كلىمېنكو ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ نەق مەيداندا كېرەكلىك خىزمەتلەرنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «ھۇجۇمدا بەش كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 31 كىشى يارىلاندى، بۇنىڭ ئىچىدە 19 ساقچى، 5 جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش خادىمى ۋە 1 كىچىك بالا بار» دېدى.

كلىمېنكو يەنە، رۇسىيەنىڭ خاركىۋ رايونىدىكى كۇپيانسك ناھىيەسىگە قىلغان ھۇجۇمىدىمۇ 2 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 5 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي پوكروۋىسكىغا قىلىنغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، «رۇسىيە دونباستا ھەممىنى تەلتۆكۈس ۋەيران قىلىشقا ئۇرۇنماقتا، بىز رۇسىيەنىڭ تېررورلۇقىنى توختىتىشىمىز كېرەك، رۇسىيە چوقۇم بۇ دەھشەتلىك ئۇرۇشتىكى جىنايىتى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ» دېدى.

2022-يىلى 24- فېۋرالدا رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن ۋە شۇنىڭ بىلەن رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلانغان ئىدى.

پۇتىن ئۇكرائىنانىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى رۇسىيەنىڭ تەسىر دائىرىسى ئىچىدە ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۇكرائىانىڭ قورالسىزلاندۇرۇشلىشىنى ۋە ناتسىستلاردىن دۆلەتنى تازىلاشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر