نورۋېگىيە مېتاغا جەرىمانە قويۇشنى باشلايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى
نورۋېگىيە سانلىق مەلۇماتلارنى قوغداش ئورگىنى (Datatilsynet) 14- ئاۋغۇستتىن باشلاپ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى مېتا (Meta)غا كۈنلۈك 1 مىليون كرون (تەخمىنەن 98 مىڭ 500 دوللار) جەرىمانە قويۇشقا باشلايدۇ.
![نورۋېگىيە مېتاغا جەرىمانە قويۇشنى باشلايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/72f9/4f42/fe2f/64d1e7fe5756c.jpg?time=1718455235)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نورۋېگىيە سانلىق مەلۇماتلارنى قوغداش ئورگىنى 17 – ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ، مېتا بەلگىلەنگەن قائىدە - تۈزۈملەرگە ئەمەل قىلمىغان تەقدىردە، جەرىمانە قويۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.
ئورگان مېتانىڭ نورۋېگىيەدىكى ئابونتلارنىڭ فىزىكىلىق ئورنى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى توپلىيالمايدىغانلىقىنى ۋە «سۆز – ھەرىكەتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئېلانچىلىق قىلىش» ئۇسۇلىنى قوللىنالمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.
نورۋېگىيە سانلىق مەلۇماتلارنى قوغداش ئورگىنىنىڭ خەلقئارا بۆلۈمى باشلىقى توبىياس جۇدىن: «كېلەر دۈشەنبە كۈنىدىن باشلاپ، مېتاغا ھەر كۈنى1 مىليون كرون جەرىمانە قويۇلۇشقا باشلايدۇ» دېدى.
ئىگىلىنىشىچە، جەرىمانە 3- نويابىرغىچە داۋاملىشىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامەسى ئېلان قىلىندى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/88fc/55f6/1436/666d338a35568.jpg?time=1718455236)
7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامەسى ئېلان قىلىندى
50 – نۆۋەتلىك 7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامە ئېلان قىلىنىش بىلەن ئاخىرلاشتى.