ئىراقتا ئېجتىمائىي ئالاقە تورى «تېلېگرامما» ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تاقىۋېتىلدى

ئىراقتا 5-ئاۋغۇستتىن بۇيان كىرگىلى بولمايدىغان بولۇپ قالغان «تېلېگرامما» نىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تاقىۋېتىلگەنلىكى ئېلان قىلىندى.

2020929
ئىراقتا ئېجتىمائىي ئالاقە تورى «تېلېگرامما» ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تاقىۋېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئىراق ئۇچۇر - ئالاقە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، «تېلېگرامما» نى تاقاش قارارىنىڭ «دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلىرىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن» ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«تېلېگرامما» نى تاقاش سەۋەبىنىڭ «دۆلەتكە تەۋە ئالاھىدە ھۆججەتلەرنىڭ ئاشكارىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى قوغداش» نى مەقسەت قىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ئىراقتا ئىراننىڭ قوللىشى ئاسستىدىكى شىئە قوراللىق كۈچلىرى «تېلېگرامما» نى ئاكتىپ ئىشلىتىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇ قارارغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

شىئە قوراللىق كۈچلىرى «تېلېگرامما» نى تاقاش بۇيرۇقىنى ھۆكۈمەتكە ئامېرىكا باش ئەلچىسىنىڭ چۈشۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر