ياپونىيەدە تەيفېڭ بورىنى سەۋەبىدىن ئايروپىلان ئۇچۇشلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

ياپونىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئوكىناۋا ئارىلىغا يۈزلەنگەن تەيفېڭ بورىنى سەۋەبىدىن ئارال ئۆلكىسىدە ئايروپىلان ئۇچۇشلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

2018832
ياپونىيەدە تەيفېڭ بورىنى سەۋەبىدىن ئايروپىلان ئۇچۇشلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيەنىڭ ئىككى چوڭ ئاۋىياتسىيە شىركىتى خانۇن تەيفېڭ بورىنى سەۋەبىدىن ئارالدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۈگۈن ناخا ئۆلكىسىدە ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى مۇمكىن بولغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلار سەۋەبىدىن 30 مىڭدىن ئارتۇق يولۇچى سەلبىي تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىن» دېگەن.

ياپونىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى <NHK> ياپونىيە مېترولوگىيە ئىدارىسىنىڭ بۈگۈن (1-ئاۋغۇست) ئەتىگەنكى باياناتىنى ھەمبەھرلەپ، تەيفېڭ بورىنىنىڭ ناخانىڭ شەرقىي جەنۇبىغا 220 كىلومىتىر يېراقلىقتا ئىكەنلىكىنى ۋە سائىتىگە 20 كىلومىتىرلىق سۈرئەت بىلەن غەربىي شىمال يۆنىلىشىگە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مېتېرولوگىيە ئىدارىسى تۈنۈگۈن_(31-ئىيۇل)  ئېلان قىلغان باياناتىدا، تەيفېڭ بورىنىنىڭ كاگوشىما ئۆلكىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئامامى-ئوشىما ئارىلىغا بېسىپ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى  ئۇقتۇردى.

دائىرىلەر ئوكىناۋا ئارىلىدىكى ئاھالىلەرنى قاتتىق يامغۇرنىمۇ بىرگە ئېلىپ كېلىدىغان تەيفېڭ بورىنى سەۋەبىدىن تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ، پۇقرالارنى جىددىي ئەھۋالدىن باشقا چاغلاردا ئۆيلىرىدىن ئايرىلماسلىققا چاقىرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر