پاكىستاندا يۈز بەرگەن قانلىق ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى دائېش ئۈستىگە ئالدى

دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئادرېسلىرىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2018635
پاكىستاندا يۈز بەرگەن قانلىق ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى دائېش ئۈستىگە ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاننىڭ خەيبەر پاختۇنۋا ئۆلكىسىدىكى بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ شېرىكلىرىنىڭ بىرى بولغان ئىسلام ئۆلىماسى جەمئىيىتى پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلتىيى جەريانىدا يۈز بېرىپ، 54 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈستىگە ئالدى.

يەكشەنبە كۈنى خەيبەر پاختونۋا ئۆلكىسىنىڭ باجائۇر رايونىدا ئىسلام ئۆلىماسى جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلتىيى ئادەم بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 54 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 200 گە يېقىن ئادەم يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر