ئىسلام دۆلەتلىرى پاكىستاندا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

ئىران، سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار ۋە كۈۋەيت قاتارلىق دۆلەتلەر پاكىستاندا بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەركىبىدىكى ئىسلام ئۆلىمالىرى جەمئىيىتى (JUI-F) پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلتىيىنى نىشان قىلغان ۋە 42 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغام بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

2018088
ئىسلام دۆلەتلىرى پاكىستاندا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسى پاكىستاننىڭ خەيبەر پاختۇنيا ئىشتاتىدا، ئىسلام ئۆلىمالىرى جەمئىيىتى پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلتىيىنى نىشان قىلغان بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

رەئىسى پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىفقا ئەۋەتكەن تېلېگراممىسىدا: «ئىران خەلقى نامىدىن سىزدىن، دوست ۋە قېرىنداش پاكىستان خەلقىدىن ھال سورايمەن» دېدى.

ئۇ چوڭ-كىچىك دەپ ئايرىپ ئولتۇرمىغان تېررورلۇق ھەرىكىتىنى ئەيىبلەپ: «بۇ خىل ئىنسانىيەتكە خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنىڭ جىنايەتچىلەرگە ۋە بۇيرۇق بەرگەنلەرگە نومۇس قىلىشتىن باشقا نەرسە ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز» دېدى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھيانمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئادرېسىدا ئۆزىنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلاۋال بۇتتو زەردارىدىن، پاكىستان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋازارىتى يازما باياناتىدا مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمىتىمىز بۇ ھۇجۇمنى قاتتىق تەنقىدلەيدۇ ۋە ئەيىبلەيدۇ.»

باياناتتا، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇقتىن ۋاز كېچىشكە چاقىرغانلىقىنى تەكىتلەپ، جېنىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرىدىغانلىقىنى ۋە يارىلانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى تىلەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

قاتار ھۆكۈمىتى بئېلان قىلغان باياناتىدا، سەۋەبى ۋە باھانىلىرى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تېررورلۇق،  زوراۋانلىقلارنى رەت قىلىدىغانلىقىنى، بومبا ھۇجۇمىنى كەسكىن ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

باياناتتا، پاكىستان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈلدى، يارىلانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى تىلەندى.

كۈۋەيت ھۆكۈمىتىنىڭ بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلەپ ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ھەر خىل شەكىلدىكى زوراۋانلىق ۋە بىگۇناھ كىشىلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان زىياننى قەتئىي رەت قىلىمىز، پاكىستان بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدىمىز» دېيىلدى.

پاكىستاننىڭ خەيبەر پاختۇنيا ئىشتاتىدا، تۈنۈگۈن (2023-يىلى 30-ئىيۇل) بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ شېرىكلىرىدىن بىرى بولغان ئىسلام ئۆلىمالىرى پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلتىيىنى نىشان قىلغان بومبا ھۇجۇمىدا 40 كىشى جېنىدىن ئايرىلىپ، 200 دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر