دائېش دەمەشىقتە يۈز بەرگەن موتوسىكلىت بومبا ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالدى
دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشقنىڭ سەييىد زەينەب رايونىدا يۈز بېرىپ، ئالتە ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان پارتلاشنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالدى.
2017619
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، ئالدىنقى كۈنى كەچتە سەييىد زەينەب رايونىدا يۈز بەرگەن پارتلاشنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالدى.
دەمەشىقنىڭ ئىران ھىمايىسىدىكى چەت ئەل تېررورچىلىرى تۇرۇۋاتقان سەييىد زەينەب رايونىدا ئالدىنقى كۈنى موتوسىكلىت بومبا ھۇجۇمى يۈز بەرگەن، سۈرىيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى — سانا، پارتلاشتا ئالتە ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 23 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
نىگېرىيەدە بىر جامەدە پارتلاش يۈز بېرىپ 11 ئادەم قازا قىلدى
نىگېرىيەنىڭ كانو ئۆلكىسىدىكى بىر جامەدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 11 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.