ئۇكرائىنا ئارمىيەسى دونېتىسكى رايونىنىڭ ستارومايورسكې يېزىسىنى ئازاد قىلدى
پىرېزىدېنت ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ دونېتىسكى رايونىنىڭ ستارومايورسكې يېزىسىنى ئازاد قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
2017150
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا دونېتىسكى رايونىنىڭ ستارومايورسكې يېزىسىنىڭ ئازاد قىلىنغانلىقىغا دائىر كۆرۈنۈشلەرنى ھەمبەھرىلىدى.
سىن كۆرۈنۈشىدە، دۆلىتىنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىنىڭ: «35- بىرىگادا بىلەن ئارېي باتالىيونى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، ستارومايورسكې يېزىسىنى ئازاد قىلدى» دېگەن سۆزلىرىگە ئورۇن بېرىلدى.