دەمەشىقتە موتوسىكلىت بومبا پارتلىدى

سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشقتە بىر موتوسىكلىتقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبا پارتلاپ، ئالتە ئادەم قازا قىلدى، 23 ئادەم يارىلاندى.

2017108
دەمەشىقتە موتوسىكلىت بومبا پارتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى — سانانىڭ سۈرىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى مەنبە قىلغان خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، تۈنۈگۈن كەچتە دەمەشقنىڭ سەييىد زەينەپ رايونىدا موتوسىكلىتقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبا پارتلاپ، ئالتە ئادەم قازا قىلغان، 23 ئادەم يارىلانغان.

خەۋەردە، ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا ساقچى، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى ۋە قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكى، ھازىرچە ھېچقانداق كىشى ياكى تەرەپنىڭ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر