ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورېيە شىمالىي كورېيەنىڭ تور تەھدىتلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى

ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورېيە ئەمەلدارلىرىدىن تەركىب تاپقان خىزمەت گۇرۇپپىسى شىمالىي كورېيەنىڭ «تور تەھدىتلىرى» توغرىسىدا يىغىن ئاچتى.

2016946
ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورېيە شىمالىي كورېيەنىڭ تور تەھدىتلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، سېئۇلدا ئېچىلغان يىغىنغا جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو ئىشلىرىغا مەسئۇل باش دىرېكتورى لى جۈن ئىل بىلەن ئامېرىكانىڭ شىمالىي كورېيە ئالاھىدە ۋەكىلى مۇئاۋىنى جۇڭ پاكنىڭ رىياسەتچىلىك قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، شىمالىي كورېيەنىڭ «تور تەھدىتلىرى» مۇزاكىرە قىلىنغان يىغىندا يەنە، شىمالىي كورېيەنىڭ قانۇنسىز ئاممىۋى قىرغۇچى قوراللىرى ۋە ۋاشىنگتون بىلەن سېئول ئوتتۇرىسىدىكى شىمالىي كورېيەنىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە كېرەكلىك كىرىمگە ئىگە بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدىكى قويۇق ھەمكارلىق قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.

باياناتتا، «شىمالىي كورېيەنىڭ چەت ئەللەردە كىملىكىنى يوشۇرغان ھالدا تېخنىكا ساھەسىدە ئىشلەۋاتقان پۇقرالىرى ۋە رەقەملىك پۇل ئوغرىلاش قىلمىشلىرى»نىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى تەكىتلەندى.

يونخاپ خەۋەر ئاگېنتلىقى، جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پاك بىلەن لىنىڭ مەخسۇس سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو پائالىيەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر