تۇنىستىكى ئورمان ئوت ئاپىتىنى ئۆچۈرۈش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا

تۇنىسنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا يۈز بەرگەن ئورمان ئوت ئاپىتىنى ئۆچۈرۈش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

2016099
تۇنىستىكى ئورمان ئوت ئاپىتىنى ئۆچۈرۈش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇنىس خەلق مۇداپىئە ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى مۇئاز تەرىيا مەملىكەت مىقياسىدا داۋاملىشىۋاتقان ئورمان ئوت ئاپىتى ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلدى.

مۇئاز تەرىيا ئورمان ئوت ئاپىتىنى ئۆچۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «سىليانا ۋىلايىتىگە قاراشلىق ھاممام بەيدا تېغىدىكى ئورمان ئوت ئاپىتى كۈچلۈك شامال سەۋەبىدىن بەجا ۋىلايىتىگە قاراشلىق تىبار رايونىدىكى ئورمان رايونىغىچە كېڭەيدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، گابېس ۋىلايىتىدىكى شەنەنە رايونىدىمۇ بىر قاتار كىچىك ئورمان ئوت ئاپىتى داۋاملاشماقتا. بىنزېرت شەھىرىگە جايلاشقان جەبەل غازالەدىكى ئورمان ئوت ئاپىتىمۇ داۋاملاشماقتا» دېدى.

مۇئاز تەرىيا جەندۇبا ۋىلايىتىگە قاراشلىق تاباركا شەھىرىدىكى مالۇلا ئورمانلىقىدا 13-ئىيۇلدا چىققان ئوتنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىقلارنىڭ داۋاملىىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، كۈچلۈك شامالنىڭ خىزمەتلەرنى قىيىنلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئوت ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان 170 كىشى رايونلۇق دوختۇرخانىلاردا بالنېستقا ئېلىندى.

تۇنىس دائىرىلىرىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، مالۇلا ئورمانلىقىدىكى ئوت ئاپىتىدە 450 گېكتار يەر زىيانغا ئۇچرىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر