ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 400 مىليون دوللارلىق قوشۇمچە ھەربىي ياردەم يوللايدىغان بولدى

ئامېرىكا مەسئۇللىرى ئۇكرائىناغا قىلىدىغان ياردەمنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنلىرى ھەققىدە مەتبۇئاتلارغا بايانات بەردى.

2015784
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 400 مىليون دوللارلىق قوشۇمچە ھەربىي ياردەم يوللايدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىغا بەرگەن باياناتىدا، ئۇكرائىناغا قىلىنىدىغان ياردەم پىلانىدا يۇقىرى ئىقتىدارلىق زەمبىرەك راكېتا سىستېمىسى (HIMARS)، ئىلغار تېخنىكىغا ئىگە يەر يۈزىدىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى (NASAMS)، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان «ھورنېت» ۋە بىر يۈرۈش ھەربىي ئوق-دورىلارنىڭ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئامېرىكا ئەمەلدارى قوشۇمچە ياردەم سوممىسىنىڭ تەخمىنەن 400 مىليون دوللار بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا 2022-يىلى 24-فېۋرالدا رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان ئۇكرائىناغا 41 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق ھەربىي ياردەم بەردى.

19-ئىيۇل (2023) دا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (بەشبۇرجەكلىك بىنا) ئۇكرائىنانىڭ ئۇرۇش مەيدانىدىكى ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن 1 مىليارد 300 مىليون دوللارلىق يېڭى ھەربىي ياردەم پىلانىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر