ئامېرىكا جەنۇبىي كورېيەگە تۇنجى قېتىم يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىنى يوللىدى

شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتىنىڭ يادرو قورالى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىغۋاگەرچىلىكىگە قارشى ئامېرىكا ئارىدىن 42 يىل ئۆتكەندىن كېيىن يوللىغان تۇنجى يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى جەنۇبىي كورېيەگە يېتىپ كەلدى.

2013184
ئامېرىكا جەنۇبىي كورېيەگە تۇنجى قېتىم يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىنى يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يونخاپ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جەنۇبىي كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ سۇ ئاستى پاراخوتلاردىن بىرى بولغان ئۇزۇنلۇقى 170 مېتىر، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 19 مىڭ توننا كېلىدىغان <USS كېنتاكى يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى> بۇسان پورتىغا يېتىپ كەلگەن.

باياناتتا، ئامېرىكانىڭ شىمالىي كورېيەنى ھۇجۇمدىن چېكىندۈرۈش مەقسىتىدە 1981-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم جەنۇبىي كورېيەگە يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى ئەۋەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

جەنۇبىي كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لى جوڭ سۇپ يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ كورېيە يېرىم ئارىلىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنىڭ ئامېرىكانىڭ «كېڭەيتىلگەن چېكىندۈرگۈچ كۈچ» تەدبىرلىرىنى قەتئىيلىك بىلەن ئىجرا قىلىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولغانلىقىنى ئېيتتى.

مىنىستىر لى بۇنىڭ جەنۇبىي كورېيە خەلقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتتىن باشقا يەنە، شىمالىي كورېيەگىمۇ ئامېرىكا بىلەن بولغان ئىتتىپاقداشلىقنىڭ ئىقتىدارى ۋە خاراكتېرىنى نامايان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاپرېلدا جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى يون سۇكول ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن ۋاشىنگىتون خىتابنامىسىنى ئىمزالىغان ئىدى.

يون سۇكول بۇ خىتابنامە ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ يادرو قوراللىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ھەربىي ئىقتىدارى بىلەن جەنۇبىي كورېيەنى قوغداشقا ۋەدە بەرگەنلىكىنى ۋە ئىمزا قويۇش مۇراسىمىدىن كېيىن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە قارىتا «يادرو قورال ئاساسىدىكى ئىتتىپاقلىق» دەپ باھا بەرگەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر