ئەزەربەيجان ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىدۇ
ئەزەربەيجان ئۇكرائىناغا 7 مىليون 600 مىڭ دوللارلىق ياردەم بېرىدۇ.
2012626
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ 2023-يىللىق دۆلەت خامچوتى دائىرىسىدىكى پىرېزىدېنتلىق زاپاس مەبلىغىدىن ئۇكرائىناغا 7 مىليون 600 مىڭ دوللار ياردەم بېرىش قارارنامەسىنى ئىمزالىدى.
بۇ قارارنامەگە ئاساسەن، ئۇكرائىناغا ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىشى ئۈچۈن، ئەزەربەيجان ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىغا 7 مىليون 600 مىڭ دوللار تەقسىم قىلىندى.