جەيك سۇللىۋان ئاشلىق كارىدورى ھەققىدە رۇسىيەنى ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جەيك سۇللىۋان ئەگەر رۇسىيە قارا دېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىدىن چېكىنىدىغان بولسا، بۇنىڭ رۇسىيەگە نىسبەتەن دىپلوماتىك بەدىلىنىڭ ئېنتايىن ئېغىر بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2012100
جەيك سۇللىۋان ئاشلىق كارىدورى ھەققىدە رۇسىيەنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى:  جەيك سۇللىۋان <CBS News> تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ «مىللەتكە يۈزلىنىش» ناملىق پروگراممىسىغا قەتناشتى.

جەيك سۇللىۋان قارا دېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنىڭ ئەتە كەچتە توشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «(رۇسىيە پىرېزىدېنتى) ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلالمايۋاتىمەن. ئايلاردىن بېرى ئوخشىمىغان سىگناللارنى بەردى. رۇسىيە كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىقىشى ياكى ئۇنى داۋاملاشتۇرۇشىمۇ مۇمكىن» دېدى.

جەيك سۇللىۋان ئەگەر رۇسىيە كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىقسا، دۇنيانىڭ ئۇنىڭغا قارىتا «رۇسىيە يەر شارىنىڭ جەنۇبىغا، ئافرىقاغا، لاتىن ئامېرىكاغا ۋە ئاسىياغا يۈز ئۆرىدى» دەپ باھا بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ،  «بۇنىڭ رۇسىيەگە نىسبەتەن دىپلوماتىك بەدىلى ئىنتايىن ئېغىر بولىدۇ» دېدى.

جەيك سۇللىۋان بۇنىڭغا قارارنى  پۇتىننىڭ بېرىدىغانلىقىنى ئەسسكەرتىپ، «بىز ھەر تۈرلۈك سىنارىيەلەرگە قارشى تەييار ھالەتتە تۇرماقتىمىز ۋە ئۇكرائىنالىقلار بىلەن يېقىندىن ھەمكارلاشماقتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر