بايېربوك: ئۇكرائىنا ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولسا، پۈتكۈل ياۋروپا مەغلۇپ بولىدۇ

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالىنا بايېربوك كەلگۈسىدە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئۇكرائىنا توغرىسىدا مۇزاكىرىلىشىشكە بولىدىغان بىرەر ئاساس كۆرمەيۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

2012125
بايېربوك: ئۇكرائىنا ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولسا، پۈتكۈل ياۋروپا مەغلۇپ بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى:  بايېربوك بىلد ۋە ۋېلت گېزىتلىرىگە بەرگەن باياناتىدا، پۇتىن بىلەن ئۇكرائىنا توغرىسىدا مۇزاكىرىلىشىشكە بولىدىغان بىرەر ئاساس كۆرمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «كاشكى مۇزاكىرىلەشىلىگەن بولساق، ئەمما ھازىر مۇھىم بولغىنى؛ نېمىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىمىز ئەمەس، بەلكى ئەمەلىيەت بىلەن يۈزلىشىشتۇر. ئۇرۇشتىن ئىلگىرى مۇزاكىرە ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلدى. ئەمما بۇنىڭغا قايتۇرۇلغان جاۋاب 100 مىڭ رۇسىيە ئەسكىرىنىڭ ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرىشى بولدى» دېدى.

بايېربوك، «بۇ ئۇرۇشنىڭ قاچان ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. رۇسىيەدە نېمىلەرنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. چۈنكى ئۇدۇلىمىزدا بىزگە ئوخشاش دېموكراتىيە بىلەن باشقۇرىلىدىغان بىر دۆلەت يوق» دېدى ھەمدە ئۇكرائىنانىڭ تىنچلىق مۇھىتنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ،  «بۇ پەقەت رۇسىيەنىڭ  بۇ رەھىمسىز تاجاۋۇزچىلىقى ۋە ئۇرۇشى توختىتىلغاندا، رۇسىيە ئەسكەرلىرى ئۇكرائىنادىن چېكىنگەندىلا مۇمكىن بولىدۇ» دېدى.

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەگەر ئۇكرائىنا ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولسا، پۈتكۈل ياۋروپانىڭ مەغلۇپ بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ، «چۈنكى ياۋروپانىڭ تىنچلىق تەرتىپى بۇ ئۇرۇشتا ھۇجۇم ئاسىتىدا قالدى. ئۇكرائىنا چوقۇم بۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشى كېرەك. بۇنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىدىغانننىڭ ھەممىنى قىلىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر