گۇتېررېس شىمالىي كورېيەنىڭ بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس شىمالىي كورېيەنىڭ بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ب د ت باياناتچىسى ستېفان دۇجارىچ شىمالىي كورېيەنىڭ ياپونىيە دېڭىزىدا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا، گۇتېررېسنىڭ شىمالىي كورېيەنى خەلقئارالىق مەجبۇرىيىتى ۋە ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار قارارلىرىنى ئىجرا قىلىشقا چاقىرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، كورېيە يېرىم ئارىلىدا تىنچلىقنىڭ سىجىللىقى ئۈچۈن دىئالوگنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش چاقىرىقىدا بولۇنغانلىقى تەكىتلىنىپ، «ب د ت باش كاتىپى شىمالىي كورېيە ئېلىپ بارغان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى» دېيىلدى.
جەنۇبىي كورېيە ئارمىيە باش ئىشتابىنىڭ باياناتىدا، شىمالىي كورېيەنىڭ پايتەخت پيوڭياڭ ئەتراپىدىن تۈنۈگۈن ياپونىيە دېڭىزى تەرەپكە قارىتىپ «يىراق مۇساپىلىق باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا» قويۇپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ شىمالىدىكى خوككايدو ئارىلىدىن 250 كىلومىتىر يىراقلىققا ۋە ياپونىيەنىڭ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونىنىڭ سىرتىغا چۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
نىگېرىيەدە بىر جامەدە پارتلاش يۈز بېرىپ 11 ئادەم قازا قىلدى
نىگېرىيەنىڭ كانو ئۆلكىسىدىكى بىر جامەدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 11 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.