سۇللىۋان: تۈركىيەگە  F-16 سېتىپ بېرىش جەريانى ئىلگىرىلىتىلىدۇ

ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جەيك سۇللىۋان تۈركىيەگە  F-16تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلاننى سېتىش توغرىسىدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ پالاتا بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بۇ جەرياننى ئىلگىرى سۈرۈشنى پىلانلىغانلىقىنى ئېيتتى.

2010007
سۇللىۋان: تۈركىيەگە  F-16 سېتىپ بېرىش جەريانى ئىلگىرىلىتىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇللىۋان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى رەھبەرلىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن لىتۋانىڭ پايتەختى ۋىلنيۇستا بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ شىۋىتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىشىگە ئالاقىدار تاشلىغان قەدىمىنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، شىۋىتسىيەنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ يېڭى ئەزاسى سۈپىتىدە كۆرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سۇللىۋان شىۋىتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىنى تەستىقلىغاندىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ ئامېرىكادىن F-16 سېتىۋىلىش تەلىپىگە ئامېرىكانىڭ قانداق جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، بايدېننىڭ ئۇزۇندىن بۇيان بۇ سېتىشنى قوللايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

سۇللىۋان F-16 نىڭ تۈركىيەگە سېتىلىشى ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتىگە ماس كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بايدىن پالاتا بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بۇ جەرياننى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ» دېدى.

سۇللىۋان پالاتانىڭ F-16 نىڭ تۈركىيەگە سېتىلىشىنى قاچان تەستىقلايدىغانلىقىغا دائىر سوئالغا جاۋابەن: «مەن بۇ توغرىلىق ئېنىق بىر كۈننى دېيەلمەيمەن. بىز پالاتا ئەزالىرى بىلەن ئالاقىلىشىۋاتىمىز» دېدى.

سۇللىۋان شىۋىتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىنى تۈركىيە تەستىقلىغان تەقدىردە، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قوبۇل قىلىنىش-قىلىنماسلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا قارىتا، ئامېرىكانىڭ تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

سۇللىۋان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ <شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى> ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭمۇ <ياۋروپا ئىتتىپاقى> ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە: «(تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش مەسىلىسى بىلەن شىۋىتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش مەسىلىسى قاتارلىق) بۇ ئىككى مەسىلىنى ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىمايمىز» دېگەن خۇسۇسىي قارىشىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر