مېكسىكادا شەھەر باشلىقى تىمساھ بىلەن توي قىلدى

مېكسىكانىڭ ئوكساكا ئۆلكىسىگە جايلاشقان سان پېدرو خۇامېلۇلانىڭ شەھەر باشلىقى ۋىكتور خۇگو سوسا گارسىيا خەلققە تەلەي، مولچىلىق ۋە پاراۋانلىق ئېلىپ كېلىشى ئۈچۈن توي كۆينىكى كىيدۈرۈلگەن بىر تىمساھ بىلەن توي قىلدى.

2006537
مېكسىكادا شەھەر باشلىقى تىمساھ بىلەن توي قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكانىڭ سان پېدرو خۇامېلۇلا شەھەر باشلىقى ۋىكتور خۇگو سوسا گارسىيانىڭ تېمساھ بىلەن قىلغان توي مۇراسىمى، مۇزىكا ۋە ئۇسسۇللار بىلەن بىللە بايرام كەيپىياتىدا ئۆتكۈزۈلدى. شەھەر خەلقىمۇ زور قىزىقىش كۆرسەتتى.

<ئالىجىيا ئادرىئانا> دەپ ئىسىم قويۇلغان ​​ۋە توي كۆينىكى كىيدۈرۈلگەن تىمساھ، بىخەتەرلىك يۈزىسىدىن ئېغىزى باغلانغان ھالدا سان پېدرو خۇامېلۇلا كوچىلىرىدا ئايلاندۇرۇلدى.

شەھەر ئاھالىلىرى بىلەن بولۇشىغا ئۇسسۇل ئوينىتىلغان تىمساھ، ئاخىرى شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىغا ئېلىپ كېلىندى ۋە شەھەرنىڭ داڭلىق دىنىي رەھبەرلىرى شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىدا تىمساھ بىلەن شەھەر باشلىقى گارسىيانىڭ نىكاھىنى ئوقۇدى.

شەھەر باشلىقى گارسىيا نىكاھ جەريانىدا تىمساھ كېلىننى نىكاھىغا ئالغان ياكى ئالمىغانلىقى سورالغاندا، «مەن مەسئۇلىيەتنى قوبۇل قىلىمەن، چۈنكى بىز بىر-بىرىمىزنى ياخشى كۆرىمىز، بۇ ئەڭ مۇھىم. مۇھەببەت بولمىسا، نىكاھ بولمايدۇ. بىز بىر-بىرىمىزنى ياخشى كۆرىمىز، مەن بۇ مەلىكە قىز بىلەن توي قىلىشنى قوبۇل قىلىمەن» دەپ جاۋاب بەردى.

سان پېدرو خۇامېلۇلا شەھىرىدە 1789-يىلدىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان بۇ ئەنئەنە، ئەينى چاغدا بىر - بىرىگە دۈشمەن بولغان ئىككى قەبىلىنىڭ يارىشىشىغا سىمۋول قىلىنىدۇ.

ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ  سىمۋول خاراكتېرلىك توي مۇراسىمى، شەھەر خەلقىگە مولچىلىق، تىنچلىق ۋە ئىناقلىق ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر