ماكرون جەمئىيەت تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پەرمانى چۈشۈردى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون ھۆكۈمەتكە جەمئىيەت تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن بارلىق ئىشلارنى قىلىش پەرمانىنى چۈشۈردى.

2006137
ماكرون جەمئىيەت تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پەرمانى چۈشۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەدە ئالجىرىيە پۇشتىدىن بولغان بىر ياشنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن باشلانغان نامايىشلار داۋاملاشماقتا.

تۈنۈگۈن كېچە (2-ئىيۇل) نانتېررا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا، 49 كىشى قولغا ئېلىندى. بۇنىڭ بىلەن نامايىشلار پارتلىغان 27-ئىيۇندىن بۇيان قولغا ئېلىنغانلارنىڭ سانى 3 مىڭغا يېقىنلاشتى.

لېئون شەھىرىدە، ساقچىلار ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئېتىپ، نامايىشچىلارنى تارقىتىۋەتتى.

پىرېزىدېنت ماكرون ۋەزىيەتنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن باش مىنىستىر ئېلىسابېت بورنې، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى گېرەلد دارمانىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىنىستىرلار بىلەن ئېلسىي سارىيىدا كۆرۈشتى.

ئۇ مىنىستىرلارغا، جەمئىيەت تەرتىپى ۋە خاتىرجەملىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن بارلىق ئىشلارنى قىلىش پەرمانىنى چۈشۈردى.

ئۇ يەنە، فىرانسىيەدە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۇزۇن مۇددەتلىك تەتقىقات خىزمەتلىرىنى باشلاشنى تەلەپ قىلدى.

فىرانسىيەدە نامايىشلار داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، جېنىدىن ئايرىلغان ياش نائېلنىڭ چوڭ ئانىسى نادىيا فىرانسىيە تېلېۋىزىيەسىدە نامايىشچىلارنى سۈكۈتكە چاقىردى.

فىرانسىيەدە 27-ئىيۇن (2023) نانتېررا شەھىرىدە ساقچىلارنىڭ ئۈچ كىشى ئولتۇرغان بىر ئاپتوموبىلغا ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە، ئاپتوموبىلنىڭ ھەيدىگۈچىسى  17 ياشلىق نائېل م. جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى.

نائېلنىڭ ئۆلۈمىگە نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن كىشىلەر، ئوخشىمىغان شەھەرلەردە نامايىش ئۆتكۈزۈپ ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان ئىدى.

نائېلنى ئۆلتۈرگەن ساقچى خىزمىتىدىن توختىتىلغاندىن كېيىن، سوتلاش قارارى چىقىرىلغان ئىدى.

پارىژ، مارسىليا، لېئون قاتارلىق شەھەرلەردە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا، ماگېزىنلارنى بۇلاش ۋەقەلىرى كۆرۈلگەنلىكتىن، 10 دىن ئارتۇق شەھەردە شۇ يەر ۋاقتى 21.00 دىن كېيىن كوچىغا چىقىش چەكلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر