ياۋروپا: قۇرئان كەرىمنىڭ كۆيدۈرۈلۈشى ئوچۇق - ئاشكارا ئىغۋاگەرچىلىك

ياۋروپا ئىتتىپاقى شىۋېتسىيەدە سادىر قىلىنغان قۇرئان كەرىمنىڭ كۆيدۈرۈلۈشى ۋەقەسى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، مۇقەددەس كىتابلارغا قارشى بۇ خىل قىلمىشلارنىڭ ھۆرمەتسىزلىك ۋە ئوچۇق ئىغۋاگەرچىلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2005743
ياۋروپا: قۇرئان كەرىمنىڭ كۆيدۈرۈلۈشى ئوچۇق - ئاشكارا ئىغۋاگەرچىلىك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى ئالى ۋەكىلى جوسېپ بوررېلنىڭ ئىشخانىسى شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولمدا ئىراقتا تۇغۇلغان سالۋان مومىكا ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ ستوكھولم جامەسى ئالدىدا ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش قىلمىشى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش قىلمىشىغا قارشى نامايىشلار داۋاملىشىۋاتقان باغدادتىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ يېقىن كۆزىتىلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن ۋە نامايىشچىلار سوغۇققان بولۇشقا چاقىرىلغان باياناتتا، دىپلوماتىك بىنالارغا قىلىنغان ھۇجۇملار ئەيىبلەندى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قۇرئان كەرىمنىڭ كۆيدۈرۈلۈشىگە كۈچلۈك قارشى تۇرۇشىغا ئاۋاز قوشىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا: «بۇ قىلمىش ھەرگىزمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كۆز قارىشىنى ئەكىس ئەتتۈرمەيدۇ. قۇرئان كەرىمنى ياكى ھەر قانداق مۇقەددەس كىتابنى كۆيدۈرۈش ھۇجۇمچىلىق، ھۆرمەتسىزلىك ۋە ئوچۇق-ئاشكارا ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشىدۇر. ئىرقچىلىق، چەت ئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىش ۋە بۇنىڭغا ئالاقىدار كۆرەلمەسلىكلەرنىڭ ياۋروپادا ئورنى يوق.

بۇ خىل بىر قىلمىشنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ مۇھىم بايرىمى بولغان قۇربان ھېيت مەزگىلىدە سادىر قىلىنىشى تېخىمۇ ئېچىنىشلىق. ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى دىن، ئېتىقاد ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى داۋاملىق قوللايدۇ. ھازىر ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ھۆرمەت قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، جىددىيلىكنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش پەيتى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ستوكھولمدا سادىر قىلىنغان قۇرئان كەرىمىنى كۆيدۈرۈش قىلمىشىدىن كېيىن، ئىراقتا نەچچە يۈز كىشى شىۋېتسىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەنىدى.

شىئە رەھبەر مۇقتەدا سەدىرنىڭ چاقىرىقىدىن كېيىن، بىر گۇرۇپپا كىشى پەيشەنبە كۈنى شىۋېتسىيەنىڭ باغدادتىكى ئەلچىخانىسىغا بېسىپ كىرىپ، ئەلچىخانا بىناسىنىڭ ئۆگزىسىگىچە چىققانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر