شولز: تۈركىيە بىلەن يېڭى ۋە ياخشى ھەمكارلىق ئورنىتىش ئۈچۈن پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىشنى خالايمىز

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملاردىن كېيىن، تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا يېڭى ۋە ياخشى ھەمكارلىق ئورنىتىش ئۈچۈن، پۇرسەتتىن پايدىلىنىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

2005661
شولز: تۈركىيە بىلەن يېڭى ۋە ياخشى ھەمكارلىق ئورنىتىش ئۈچۈن پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىشنى خالايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئولاف شولز بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى كۈنلۈك ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن شولز: «بۇ يەردە بىز تۈركىيەدىكى سايلاملاردىن كېيىن يېڭى ۋە ياخشى ھەمكارلىق ئورنىتىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىشنى خالايمىز» دېدى.

ئۇ، بۇنىڭ باشلىقلار يىغىنىدا قارار قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، شۇڭا ئۆزلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ۋە ئالىي ۋەكىلدىن ئۆزئارا مۇناسىۋەتنى بىر گەۋدە ھالىتىدە يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ- پىكىر سۇنۇشنى تەلەپ قىلغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر