شى جىنپىڭ: ھەرقايسى دۆلەتلەر بىر – بىرىنى رەقىب ئەمەس، شېرىك دەپ بىلىشى كېرەك

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بىر – بىرىنى رەقىب ئەمەس، شېرىك، تەھدىت ئەمەس، پۇرسەت دەپ بىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

2005158
شى جىنپىڭ: ھەرقايسى دۆلەتلەر بىر – بىرىنى رەقىب ئەمەس، شېرىك دەپ بىلىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، شى جىنپىڭ پايتەخت بېيجىڭدا يېڭى زېلاندىيە باش مىنىستىرى كرىس ھىپكىنس بىلەن كۆرۈشكەن.

ئۇچرىشىشتا، شى جىنپىڭ يىل بېشىدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان مېھمان باش مىنىستىر كرىس ھىپكىنسنىڭ خىتاي – يېڭى زېلاندىيە مۇناسىۋەتلىرىگە ئەھمىيەت بېرىشى ھەم ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىشىگە يۇقىرى باھا بېرىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن.

شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ 2014-يىلى يېڭى زېلاندىيەگە قىلغان زىيارىتى جەريانىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا «كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى» ئورنىتىشنىڭ قارارلاشتۇرۇلغانلىقىنى، شۇنىڭدىن كېيىنكى 10 يىل ئىچىدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ساغلام ۋە مۇقىم ھالەتە تەرەققىي قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «بىز بىر - بىرىمىزنى رەقىب ئەمەس، ئەكسىچە شېرىك، تەھدىت ئەمەس، بەلكى پۇرسەت دەپ بىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك.»

ئۇ خىتاي بىلەن يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئەركىن سودا كېلىشىمى ۋە كەڭ دائىرىلىك رايونلۇق ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كېلىشىمىگە ئاساسەن ھەمكارلىقنى يېڭىلاپ، تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشى، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى تېخىمۇ ئەركىنلەشتۈرۈشنى ئالدىنقى نىشان قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

يېڭى زېلاندىيە باش مىنىستىرى كرىس ھىپكىنس خىتاي – يېڭى زېلاندىيە مۇناسىۋەتلىرىگە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشىماسلىقلارغا قاراپ ئېنىقلىما بېرىلىشىنى خالىمايدىغانلىقلىرىنى، ئوخشىماسلىقلارنى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، چۈشىنىش، سەمىمىي ئالاقە ۋە ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق ماسلاشتۇرۇشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر