پېسكوۋ: بەرگەن ۋەدىلەرگە ئەمەل قىلىمىز

رۇسىيە كرېمىل سارىيى باياناتچىسى دمىترىي پېسكوۋ ۋاگنېر كىرىزىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى باسقۇچىدا بارلىق تەرەپلەر بەرگەن ۋەدىلەرگە ئەمەل قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2004928
پېسكوۋ: بەرگەن ۋەدىلەرگە ئەمەل قىلىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە كرېمىل سارىيى باياناتچىسى دمىترىي پېسكوۋ مۇخبىرلارنىڭ 24-ئىيۇن (2023) يۈز بەرگەن ۋاگنېر ئىسيانى توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ ۋاگنېر ياللانما ئەسكەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ كاتتىبېشى پرىگوجىننىڭ ئاقىۋىتىگە مۇناسىۋەتلىك سوئالغا: «بۇ توغرىدا تەپسىلىي مەلۇمات بېرەلمەيمەن. ۋاگنېر جەڭچىلىرىنىڭ بەزىلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىلەن توختام تۈزسە بولىدۇ. بەزىلىرى قايتسا بولىدۇ، بەزىلىرى بېلارۇسىيەگە كۆچۈپ كەتسە بولىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ ۋاگنېر كىرىزىسىنىڭ ھەل قىلىنىش جەريانى ئۈستىدە توختىلىپ: «بەزى كىشىلەر چوڭ كۈچ چىقاردى. پىرېزىدېنت پۇتىن ئەڭ ناچار بولغاندا، قانداق ھەل قىلىش ئىرادىسىنى نامايان قىلدى. ئەڭ ناچار ئەھۋالنىڭ يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن بەزى كېلىشىملەر تۈزۈلدى. پۇتىن بەزى ئىشلار توغرىسىدا ۋەدە بەردى. تۈزۈلگەن كېلىشىملەر ئىجرا قىلىنىدۇ، پۇتىننىڭ بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىنىدۇ. تەرەپلەرنىڭ بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر