پارىژدىكى پارتلاشتا يارىلانغانلارنىڭ سانى 37 گە يەتتى

فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژنىڭ 5-رايونىدىكى بىر بىنادا يۈز بەرگەن پارتلاشتا، يارىلانغانلارنىڭ سانى 37 گە يەتتى.

2002975
پارىژدىكى پارتلاشتا يارىلانغانلارنىڭ سانى 37 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى گېرالد دارمانىن پارىژنىڭ 5-رايونىدىكى پارتلاشتا تۆت كىشى ئېغىر بولۇپ، جەمئىي 37 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، ئېغىر يارىلانغانلارنىڭ ھاياتى خەۋپ ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دارمانىن گەرچە ئېنىق بولمىسىمۇ ئىككى كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى، پارتىلاشتىن ئىلگىرى ھېچقانداق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلمىگەنلىكىنى ۋە پارتلاشنىڭ نېمە سەۋەبتىن كېلىپ چىققانلىقى ھەققىدىمۇ مەلۇماتى يوقلۇقىنى ئېيتتى.

پىرېزىدېنت ئېممانۇئېل ماكرون تۋىتتېردىكى باياناتىدا، پۈتۈن ئوي-پىكىرىنىڭ يارىدارلار ۋە يوقاپ كەتكەنلەر ئۈستىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پارىژ 5-رايونىنىڭ باشلىقى ئېدوۋارد سىۋېل تۋىتتېردا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ۋال دې گرەيس مەھەللىسىدە گاز چىقىپ كېتىش سەۋەبىدىن پارتلاش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

پارىژ تەپتىش مەھكىمىسى بولسا، پارتلاش سەۋەبىنىڭ تېخىچە ئېنىق ئەمەسلىكىنى ئېلان قىلدى.

پارىژ ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لورېنت نۇنېز پارتلاشنىڭ ساينت جاك كوچىسىدىكى مودا مەكتىپى بار بىنادا يۈز بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

لورېنت نۇنېز پارتلاش سەۋەبىدىن ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئوتنىڭ يان تەرەپتىكى ئىككى بىناغا تۇتىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ بىنادىكىلەرنىڭ پارتلاشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر