ئىسرائىلىيەنىڭ جېنىنغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى ئالتىگە يەتتى

ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى پەلەستىننىڭ غەربىي قىرغاق (ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى) رايونىغا جايلاشقان جېنىن شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەر سانى ئالتىگە يەتتى.

2002096
ئىسرائىلىيەنىڭ جېنىنغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى ئالتىگە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، جېنىندىكى ھۇجۇمدا ئېغىر يارىلانغان ئەمجەد ئەبۇ جەئس (48 ياش)نىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئەمجەد بىلەن بىرلىكتە، ئىسرائىلىيەنىڭ جېنىن شەھىرىگە قىلغان تۈنۈگۈنكى ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرۈلگەن پەلەستىنلىكلەر سانى ئالتىگە يەتتى.

ئەمجەدنىڭ 22 ياشلىق ئوغلى ۋاسىممۇ ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ جېنىن شەھىرىگە قىلغان 26 – يانۋاردىكى مۇشۇ قېتىمقىغا ئوخشاش بىر ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تۈنۈگۈن ئىشغال قىلىۋېلىنغان پەلەستىننىڭ غەربىي قىرغاق رايونىنىڭ جېنىن شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، بىر كىچىك بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، 66 ئادەمنى يارىلاندۇرغانىدى. سۈركىلىش جەريانىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ يەتتە ئەسكىرى يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر