ھىندىستاندا قاتتىق ئىسسىق سەۋەبىدىن 166 ئادەم قازا قىلدى

يېقىنقى كۈنلەردە ھىندىستانغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان قاتتىق ئىسسىق سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 166 گە يەتتى.

2001760
ھىندىستاندا قاتتىق ئىسسىق سەۋەبىدىن 166 ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاندىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى كۈنلەردە ھىندىستانغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان قاتتىق ئىسسىق سەۋەبىدىن ھازىرغىچە ئۇتتار پرادېش ئۆلكىسىدە 119، بىھار ئۆلكىسىدە 47 بولۇپ، جەمئىي 166 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.

ئۇتتار پرادېش ئۆلكىسىنىڭ باللىيا شەھىرىدە قاتتىق ئىسىق سەۋەبىدىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان كىشىلەر، دوختۇرخانا توشۇپ كەتكەنلىكتىن دوختۇرخانىغا  قوبۇل قىلىنمىغان، ھەتتا دوختۇرخانىنىڭ جەسەت ساندۇقلىرىمۇ توشۇپ كەتكەنلىكتىن، ئۆلۈكلەرنىڭ يېقىن – يورۇقلىرى مېيىتلىرىنى ئۆيلىرىگە ئېلىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان.

بىلدۈرۈلىشىچە، بىھار ئۆلكىسىنىڭ پايتەختى پاتنا شەھىرىدە مەكتەپلەر 24-ئىيۇنغىچە تاقالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر