گۇتېررېس ئىسرائىلىيەنى پەلەستىن زېمىنلىرىغا ئولتۇراق رايونى قۇرۇش پىلانىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس ئىسرائىلىيەنى ئولتۇراق رايونلىرىنى تەسىس قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك بارلىق پائالىيەتلەرنى دەرھال توختىتىپ، مۇناسىۋەتلىك قارارلارنى قايتۇرۇۋېلىشقا چاقىردى.

2001883
گۇتېررېس ئىسرائىلىيەنى پەلەستىن زېمىنلىرىغا ئولتۇراق رايونى قۇرۇش پىلانىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت بايانات ئىشلىرى ئىشخانىسى بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، گۇتېررېسنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاق (ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى) قا 4000 دىن ئارتۇق يېڭى ئولتۇراقلىشىش رايونى تەسىس قىلىش پىلانىدىن «قاتتىق ئەندىشە ۋە بىئاراملىق ھېس قىلىۋاتقانلىقى» نى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە بۇ پىلاننىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئولتۇراقلىشىش رايونلىرىنى تەسىس قىلىش پائالىيەتلىرىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئولتۇراقلىشىش رايونى پىلانلىرىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا ئوچۇق - ئاشكارا خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن گۇتېررېس، بۇ خىل پىلانلارنىڭ ئىككى دۆلەتلىك ئادىل ۋە سىجىل تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈنمۇ توسالغۇ پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئۇ قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلارنى كېڭەيتىشنىڭ جىددىيچىلىك ۋە زوراۋانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتىنى مۇستەھكەملەپ، پەلەستىن خەلقىنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنىڭ تارتىۋېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئەسكەرتىلىشىچە، باش كاتىپ گۇتېررېس «ئىسرائىلىيە» ھۆكۈمىتىنى ئىشغال قىلىۋېلىنغان پەلەستىن زېمىنلىرىدىكى بارلىق ئولتۇراقلىشىش رايونى تەسىس قىلىش پائالىيەتلىرىنى دەرھال توختىتىپ، مۇناسىۋەتلىك قارارلىرىنى قايتۇرۇۋېلىشقا چاقىرغان ۋە ئۇنىڭدىن قانۇنىي مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

ئىشغالىيەت ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنلىرىدا قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنى تەسىس قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى، نۆۋەتتە يەنە زور كۆلەملىك يېڭى بىر يەھۇدىي ئولتۇراق رايونى قۇرۇشنى پىلانلىماقتا.

پەلەستىنلىكلەر بىلەن «تىنچلىق دەرھال (ئورنىتىلسۇن)» ھەرىكىتىگە ئوخشاش، ئىسرائىلىيەدىكى سولچىل ئېقىم تەشكىلاتلارمۇ بۇ پىلانغا قارشى چىقماقتا.

پەلەستىن ھۆكۈمىتى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ پەلەستىن – ئىسرائىلىيە مەسىلسىىنى ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىپ قويىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر