گېرمانىيەدە مىس دەۋرىگە تەۋە بىر قىلىچ تېپىلدى
گېرمانىيەنىڭ باۋارىيە ئۆلكىسىدە ئارخېئولوگلار دوناۋ-رىس رايونىدىكى قېزىش جەريانىدا مىس دەۋرىگە تەۋە بىر قىلىچنى بايقىدى.
![گېرمانىيەدە مىس دەۋرىگە تەۋە بىر قىلىچ تېپىلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/6c25/8132/50a2/648d9491e1166.jpeg?time=1718458816)
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: باۋارىيە ئۆلكىلىك يادىكارلىقلارنى قوغداش ئىدارىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، نوردلىنگېن شەھىرىدىكى قېزىش جەريانىدا، تارىخى 3000 يىل ئىلگىرىگە تۇتىشىدىغان ۋە پارقىراقلىقىنى ساقلاپ قالغان بىر مىس قىلىچ تېپىلغان.
سەككىز بۇلۇڭلۇق دەستىسى پۈتۈنلەي مىستىن ياسالغان بۇ قىلىچ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 14-ئەسىرگە تەۋە دەپ قارالماقتا.
ئارخېئولوگلار قىلىچنى ئارقا-ئارقىدىن دەپنە قىلىنغان بىر ئەر، بىر ئايال ۋە بىر بالىنىڭ قەبرىسىدىن چىقاردى.
باۋارىيە ئاسارە-ئەتىقىلەرنى قوغداشقا مەسئۇل پروفېسسور ماتىئاس پىفىل ئارخېئولوگلارنىڭ بۇ بايقاشنى تېخىمۇ ياخشى تۈرگە ئايرىش ئۈچۈن قىلىچنى ۋە جەسەتەرنى تەكشۈرۈشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
پروفېسسور ماتىئاس پىفىل قىلىچنىڭ بۈگۈنگە قەدەر بۇنداق ساقلىنىپ قىلىشىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «بۇ شەكىلدىكى بايقاشلار ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامەسى ئېلان قىلىندى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/88fc/55f6/1436/666d338a35568.jpg?time=1718458816)
7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامەسى ئېلان قىلىندى
50 – نۆۋەتلىك 7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامە ئېلان قىلىنىش بىلەن ئاخىرلاشتى.