نىگېرىيەدە 42 قوراللىق شايكا ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى
نىگېرىيەنىڭ شىمالىدا دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ يېقىنقى ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرى داۋامىدا 42 قوراللىق شايكا ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىندى.
2000483
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىشلىرى دىرېكتورى مۇسا دانمادامىنىڭ ئېيتىشىچە، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ يېقىنقى ئىككى ھەپتە ئىچىدە نىگېرىيەنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرى داۋامىدا 42 قوراللىق شايكا ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىنغان، 96 قوراللىق شايكا ئەزاسى، 20 قورال، يەتتە ئاپتوموبىل ۋە ئوق - دورا قولغا چۈشۈرۈلگەن؛ قوراللىق شايكا تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان توققۇز پۇقرا قۇتقۇزۇۋېلىنغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شولز نېتانياھۇ بىلەن تېلېفونلاشتى
گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ بىلەن تېلېفونلاشتى.