فىرانسىيە، ئىسرائىلىيە ۋە ئالبانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى فىداننى تەبرىكلىدى

فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاتېرىنې كولوننا، ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېلى كوخېن، ئالبانىيەنىڭ ياۋروپا ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئولتا شاچكا ھاقان فىداننىڭ تۈركىيەنىڭ يېڭى دىپلوماتىيە مىنىستىرى بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

2000441
فىرانسىيە، ئىسرائىلىيە ۋە ئالبانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى فىداننى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاتېرىنې كولوننا، ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېلى كوخېن، ئالبانىيەنىڭ ياۋروپا ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئولتا شاچكا دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يېڭى ئىچكى كابىنېتىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن ھاقان فىداننى تەبرىكلىدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاتېرىنې كولوننا، ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېلى كوخېن، ئالبانىيەنىڭ ياۋروپا ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئولتا شاچكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھاقان فىدانغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ تۈركىيەنىڭ يېڭى دىپلوماتىيە مىنىستىرى بولغانلىقىنى تەبرىكلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر