ئودېسساغا قىلىنغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى قازا قىلدى

ئۇكرائىنانىڭ ئودېسسا شەھىرىگە قىلىنغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا ئۈچ ئادەم قازا قىلدى.

1999427
ئودېسساغا قىلىنغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا جەنۇبىي ھەربىي ھەرىكەت قوماندانلىق ئىشتابى بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ قارا دېڭىزدىن ئودېسسا شەھىرىگە 4 دانە يىراق مۇساپىلىك يۇقىرى سەزگۈرلۈككە ئىگە «كالىبر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، باشقۇرۇلىدىغان بومبىلاردىن ئىككىسىنىڭ ئۇكرائىنا مۇداپىئە سىستېمىسى تەرىپىدىن پاچاقلانغانلىقى، يەنە ئىككىسىنىڭ شېۋچېنكو سودا مەركىزى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىنالارغا زىيان يەتكۈزگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئۇكرائىنا جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇمدا ئۈچ ئادەم قازا قىلغان، يەتتە ئادەم يارىلانغان بولۇپ، ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ نەق مەيداندىكى خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر