ئۇكرائىنادا پۇقرالارنى ئودېسسا شەھىرىگە تارقاقلاشتۇرۇش داۋاملاشماقتا
ئۇكرائىنادا كاخوۋكا توسمىسى ۋە سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى پارتلىغاندىن كېيىن، كەلكۈن ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلاردىن پۇقرالارنىڭ ئودېسسا شەھىرىگە يۆتكىلىشى داۋاملاشماقتا.
![ئۇكرائىنادا پۇقرالارنى ئودېسسا شەھىرىگە تارقاقلاشتۇرۇش داۋاملاشماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/2389/51bc/3187/6489764498780.jpeg?time=1718654797)
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئالدىنقى ھەپتە كاخوۋكا توسمىسى ۋە سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن سۇ ئاستىدا قالغان 45 تىن ئارتۇق ئولتۇراق رايوندىن پۇقرالارنى قۇتقۇزۇش خىزمىتى داۋاملاشماقتا.
ھازىرغا قەدەر 2700 دىن ئارتۇق كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى.
رايوندىن پۇقرالارنىڭ بىر قىسىمى تەشكىللىك گۇرۇپپىلار شەكلىدە ئاپتوبۇس بىلەن ئودېسسا شەھىرىگە ئېلىپ كېلىنمەكتە. پۇقرالارنىڭ يەنە بىر قىسمى دۆلەتنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىغا ئەۋەتىلمەكتە.
ھەر كۈنى تەخمىنەن 100 كىشى ئودېسسا شەھىرىگە توشۇلۇۋاتقان بولۇپ، پۇقرالار ياتاق ۋە مېھمانخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلماقتا.
بۇ يەردە تارقاقلاشتۇرۇلغانلارغا كۈندىلىك تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ۋە ماددىي ياردەملەر قىلىنماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![يېڭى زېلاندىيە غەززەگە قوشۇمچە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/4013/5ea5/18f0/653a1165d84d0.jpg?time=1718654797)
يېڭى زېلاندىيە غەززەگە قوشۇمچە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدۇ
يېڭى زېلاندىيە غەززەگە 5 مىليون دوللار قوشۇمچە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدۇ.