كىم جوڭئۇن رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا رۇسىيەگە «تولۇق ياردەم» بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن رۇسىيە بىلەن ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1998806
كىم جوڭئۇن رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا رۇسىيەگە «تولۇق ياردەم» بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: <يونخاپ> ئاگېنتلىقىنىڭ كورېيە مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقى (KCNA) نى مەنبە كۆرسەتكەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كىم جوڭئۇن «رۇسىيە بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن پىرېزىدېنت ۋلادىمىر پۇتىنغا تەبرىكنامە يوللىغان.

كىم جوڭئۇن شىمالىي كورېيە-رۇسىيە مۇناسىۋەتلەرىگە «قىممەتلىك ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەت» دەپ باھا بېرىپ، دۆلىتىنىڭ بۇ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كىم جوڭئۇن دۆلىتىنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا رۇسىيە بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلەپ، موسكۋاغا «تولۇق ياردەم» بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر