بلىنكېن: ناتو تۈركىيەنىڭ ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ كېڭىيىش باسقۇچىدا، تۈركىيەنىڭ ئەندىشەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى لازىملىقىنى ئېيتتى.

1998908
بلىنكېن: ناتو تۈركىيەنىڭ ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن پايتەخت ۋاشىنگىتوندا ئىتالىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئانتونىيو تاجانى بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

بلىنكېن بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، شىۋېيتسىيەنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك بىلەن ئالاقىسى بار كىشىنى تۈركىيەگە قايتۇرۇشىنىڭ، بۇ دۆلەتنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش مۇساپىسىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا دائىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «تارىخىي نۇقتىدىن ئېيتقاندا، فىنلاندىيە بىلەن شىۋېيتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش باسقۇچلىرى ناھايىتى تېز بولدى.»

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېن بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇزۇن تارىختىن بۇيانقى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ شېرىكلىرىدىن بولۇشى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشى ۋە رۇسىيەنىڭ ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈشى سەۋەبىدىن، بۇ باسقۇچنىڭ تېز بولۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «لېكىن بۇ باسقۇچ دائىرىسىدە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئەندىشەلىرى ۋە مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى لازىم. بۇ بولۇپمۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ 5-ماددىسى جەھەتتىن ناھايىتى مۇھىم. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش، <ناتونىڭ 5-ماددىسىغا ئاساسەن ھۇجۇمغا ئۇچرىغان دۆلەتلەرگە ناتونىڭ باشقا ئەزالىرىنىڭ ياردەم بېرىشى شەرت>  دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ. دەرۋەقە،  تۈركىيە بۇ باسقۇچتا فىنلاندىيە ۋە شىۋېيتسىيەنىڭ ئەزالىقىغا قارىتا بىر قىسىم ئەندىشەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.»

بلىنكېن ھەم شىۋېيتسىيەنىڭ ھەم فىنلاندىيەنىڭ تۈركىيەنىڭ ئەندىشەلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللانغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ 7-ئايدا لىتۋانىيەنىڭ پايتەختى ۋىلنيۇستا ئۆتكۈزۈلىدىغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا، شىۋېيتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا رەسمىي ئەزا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئۇ يەنە، بۇ ھەپتە تۈركىيە، شىۋېيتسىيە ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ تەكرار يىغىن چاقىرىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىتالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تاجانى بولسا، دۆلىتىنىڭ شىۋېيتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «كېلەر ئاي شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ۋىلنيۇس باشلىقلار يىغىنىدا شىۋېيتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

تاجانى ئۇكرائىنانىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىغا قارىتا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ئۇكرائىنا كېڭىشى قۇرۇش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر