ناتو ھاۋا ئارمىيە مانېرىۋى گېرمانىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا باشلاندى

گېرمانىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ساھىبخانلىقىدا ناتو تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ھاۋا ئارمىيە مانېۋىرى بولغان «2023-ھاۋا ئارمىيە مۇداپىئەسى» باشلاندى.

1998619
ناتو ھاۋا ئارمىيە مانېرىۋى گېرمانىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ناتو ھاۋا ئارمىيە مانېۋىرى گېرمانىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ «A400M» تىپلىق تىرانسىپورت ئايروپىلانى تۆۋەن ساكسونيادىكى ۋونستورف ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن ئۇچۇشى بىلەن باشلانغان.

23-ئىيۇنغىچە داۋام قىلىدىغان مانېۋىرغا تۈركىيە قاتارلىق 25 دۆلەتتىن كەلگەن 250 ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە تەخمىنەن 10 مىڭ ئەسكەر قاتناشتى.

مانېۋىردا گېرمانىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بارلىق بازىلىرى ئىشلىتىلىدۇ.

ئىيۇن ئېيىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مانېۋىر مۇناسىۋىتى بىلەن، گېرمانىيەنىڭ جەنۇبى، شىمالى ۋە شەرقىدە ئالاھىدە ھاۋا بوشلۇقى بېكىتىلدى. ياۋروپا ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچۇش لىنىيەسىنىڭ ئۆزگەرتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

گېرمانىيە ھاۋا ئارمىيەسى ساھىبخانلىق قىلغان بۇ قېتىمقى مانېۋىردا، ناتونىڭ ھاۋا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئىككى تەرىپىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر