شىۋېتسىيەنىڭ تەۋەلىكىگە ناتونىڭ ۋاقىتلىق ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇشىغا رۇخسەت قىلدى

شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ئۇلف كىرىستېرسون شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو ئەسكەرلىرىنىڭ شىۋېتسىيەگە ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا يول قويغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

1997892
شىۋېتسىيەنىڭ تەۋەلىكىگە ناتونىڭ ۋاقىتلىق ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇشىغا رۇخسەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىرىستېرسون بىلەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پال جونسوننىڭ «داگېنس نىخېتېر» گېزىتىگە يازغان بىرلەشمە ماقالىسىدە، رۇسىيەنىڭ ئۆزلىرىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى، شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئارمىيەنىڭ كەلگۈسىدىكى بىرلەشمە مەشغۇلاتلارغا ئىمكانىيەت يارىتىش ئۈچۈن، ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن تەييارلىق خىزمەتلىرىنى بىرلىكتە ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلىشنى قارار قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ماقالىدە: «رۇسىيە بىز ئۈچۈن يەنىلا تەھدىت. كىرىزىس ياكى ئۇرۇش يۈز بەرگەندە، بىز چوقۇم باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي كۈچلىرىنى  تېز سۈرئەتتە رايونىمىزغا ئېلىپ كېلەلىشىمىز كېرەك. شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ناتوغا ئەزا بولماي تۇرۇپ، ناتو ئەسكەرلىرىنىڭ دۆلىتىمىزدە ۋاقىتلىق تۇرۇشىغا يول قويدۇق» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

رۇسىيە- ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلانغاندىن كېيىن، فىنلاندىيە بىلەن قوشنىسى شىۋېتسىيە نەچچە ئون يىللىق ھەربىي بىتەرەپلىك سىياسىتىگە خاتىمە بېرىپ، 2022- يىلى 5- ئاينىڭ 18- كۈنى ناتوغا ئەزا بولۇش ئىلتىماسى سۇنغانىدى.

4-ئايدا فىنلاندىيە ناتونىڭ 31- ئەزاسىغا ئايلانغان بولسىمۇ، تۈركىيە بىلەن ۋېنگىرىيە شىۋېتسىيەنىڭ ئەزالىقىنى ھازىرغىچە تەستىقلىمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر