ئەنگلىيە بېلارۇسىيەگە قوشۇمچە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى

ئەنگلىيە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىنى يېقىندىن قوللاپ كەلگەن بېلارۇسىيە قوشۇمچە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى.

1997572
ئەنگلىيە بېلارۇسىيەگە قوشۇمچە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىنى يېقىندىن قوللاپ كەلگەن بېلارۇسىيەدىن مەھسۇلات ئىمپورت قىلىش ۋە بېلارۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ تەشۋىقات بىلەن شۇغۇللىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بىر قاتار يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشنى قارار قىلدى.

ئەنگلىيە تاشقى ۋازارىتى بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىشنى ئاكتىپ داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بېلارۇسىيەگە تېخىمۇ كۆپ جازا يۈرگۈزۈشنىڭ قارار قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

قوشۇمچە جازا پىلانىنىڭ بېلارۇسىيەدىن ئالتۇن، سىمونت، ياغاچ ۋە كاۋچۇك قاتارلىقلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، جازالارنىڭ ئەنگلىيەدىن بېلارۇسىيەگە نەق پۇل، ماشىنا، خىمىيەلىك ۋە بىيولوگىيەلىك قورال ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىلىدىغان ماددا، تېخنىكا ۋە ماتېرىياللارنىڭ ئېكسپورت قىلىنىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

بېلارۇسىيەنىڭ يالغان ئۇچۇرلارنى تارقىتىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىغىمۇ ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا يەنە، ئالاقىدار ئورۇنلارغا بېلارۇسىيەنىڭ تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئەنگلىيەدە تورنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى ۋاسىتىلەردە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش ھوقۇقى بېرىلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر