سۇداندا مىليونلارچە بالا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە موھتاج

سۇداندا 13 مىليون 600 مىڭ بالىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە موھتاج ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1997443
سۇداندا مىليونلارچە بالا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە موھتاج

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باياناتچىسى ستېفان دۇجاررىك كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندىنىڭ سۇدانغا دائىر دوكلاتى ھەققىدە توختالدى.

دۇجاررىك سۇداندىكى مىليونلىغان بالىنىڭ بۇ دۆلەتتە داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى، 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا توقۇنۇشلار باشلانغاندىن بۇيان 70 بالىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ب د ت بالىلار فوندى جەمئىيىتى ۋە خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ تەخمىنەن 300 بالىنى پايتەخت خارتۇمدىكى دارىلتامدىن بىخەتەر رايونغا يۆتكىگەنلىكىنى بايان قىلغان دۇجاررىك  بۇ بالىلارنى بېقىۋالىدىغان ئائىلىلەرنى تېپىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «سۇداندىكى 13 مىليون 600 مىڭ بالا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە موھتاج.»

ئۇ يەنە، سۇداندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، توسالغۇلارنى تۈگىتىش ئۈچۈن سۇدان دائىرىلىرى بىلەن داۋاملىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر