بلىنكېن نېتانياھۇ بىلەن تېلېفونلاشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بىنيامىن نېتانياھۇ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1997573
بلىنكېن نېتانياھۇ بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماتېۋ مىللېرنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، ئامېرىكا – ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق مەنپەئەتلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «مىنىستىر بلىنكېن بىلەن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بىنيامىن نېتانياھۇ رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىسرائىلىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونى بىلەن بىر گەۋدىلىشىشىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش ۋە تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر ئىككى دۆلەتكە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.»

باياناتتا، بلىنكېننىڭ  كىرىزىسنى«ئىككى دۆلەتلىك تۈزۈم» چارىسى ئاساسىدا ھەل قىلىش ئۈمىدىگە زىيان يەتكۈزىدىغان تەدبىرلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئەقەبە ۋە شەرمىش شەيختىكى رايونلۇق ئۇچرىشىشلاردا بېرىلگەن ۋەدىلەرگە ئەمەل قىلىنىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىران شەكىللەندۈرۈۋاتقان تەھدىتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ دائىرىلىك رايونلۇق خىرىسلار ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش توغرىلىق بەرگەن ۋەدىسى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر